ۋورد پېرىس كە ئۇيغۇرچە فونىت تونىتىش قىستۇرمىسى

بىلبىلىكتىن :

ســــــــــــالام بىــــــــــــلوگېر:

بۈگۈن سىلەرگە ئېلىپ كەلگىنىم ۋوردپرەس ئۇيغۇر-فونت قىستۇرمىسى بولۇپ پۈتكۈل بېكىتىڭىزنى ھەرخىل خەت نۇسخىلىرىدا ئۇيغۇرچە كۆرسىتەلەيسىز راستىننى ئېيقاندا مەن بۇ قىستۇرمىنىڭ تۇنجى ئاپتورى ئەمەس ، توردىكى ماتېرىياللارغا قارىغاندا خاتالاشمىغانلا بولسام مەن ئۈچۈنچىسىكەنمەن . بۇ قىستۇرمىنىڭ ئەسلى ئاپتورى « تەدبىركار ئەپەندىم » بولۇپ تۇنجى بولۇپ شۇ كىشى ياسىغانىكەن . كېيىن بۇنى دوغاپ بىلوگىدىن « دوغاپ ئەپەندىم » ئاسراش ۋە يېڭىلاش ئىشلىرىنى قىلىپ يەنى ئەسلىدىكى بىرخىل خەت نۇسخىنى قوللاشتىن ئىككى خىل خەت نۇسخىنى قوللاشقا يېڭىلىغان ئىكەن . كېيىنچە نامەلۇم سەۋەپلەر بىلەن بۇ قىستۇرمىنى ئاسراش ۋە يېڭىلاش خىزمىتى توختاپ قاپتۇ . بۇنىڭغا قاراڭ بۇ قىستۇرمىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى قېتىم يېڭىلانغان ۋاقتى:

(ۋوردپرەس ئۇيغۇچە تونۇتۇش ۋە كىرگۈزگۈچ قوشۇش قىستۇرمىسى)

https://bilimlar.com/forum.php?mod=viewthread&tid=10641&fromuid=55357 (مەنبەسى: بىلىملەر مۇنبىرى)

ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى ۋوردپرەسنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى بىلەن قىستۇرمىنىڭ ئاسراپ يېڭىلاش خىزمىتىنىڭ توختىشى ئارىسىدا قارىمۇ-قارشىلىق پەيدا بولۇپ ، قىستۇرمىنىڭ تور يۈزىدە بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ نورمال ئىشلىمەيدىغان كەينى سەھنىدە بىر قىسىم فونت-ئايكونلارنىڭ نورمال كۆرۈنمەسلىكى ياكى بۇزىۋېتىشى دېگەندەك بىر قاتار مەسىلىلەر بولغانىكەن . قانداق قىلىش كېرەك چوقۇم بىرى ئاسراش يېڭىلاش ئىشلىرىنى قىلىش كېرەكتە ، يەنە كېلىپ ۋوردپرەسكە بولغان قىزىقىشىم تۈپەيلى ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىمدا بىر تەرەپتىن ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش شۇنداقلا ۋوردپرەس ئۆزىنىڭ ئىجازەتنامىسى ۋە GPL گە ئەمەل قىلغان ئاساستا بۇ قىستۇرمىغا قارىتا ئاسراش ۋە يېڭىلاش ئېلىپ باردىم . ھەمدە بۇ ئەمگەك مېۋەمنى كۆپچىلىك بىلەن تەڭ ئورتاقلىشىشنى لايىق تاپتىم ، مەن بىر كەسپى پروگراممېر ئەمەس شۇڭا بۇ قىستۇرمىنى ئاسراش ۋە يېڭىلاش جەريانىدا خاتالىقلاردىن خالىي بولالماسلىقىم تەبىئىي, بايقالغان خاتالىقلار كەڭ تورداشلارنىڭ ياردىمىدە كېيىنكى ئاسراش ۋە يېڭىلاش خىزمىتىدە تۈزىلىپ كېتىشىگە ئىشىنىمەن.

قىستۇرمىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى:

ئۇيغۇر-فونت ئۇيغۇرچە ۋورپرەسنىڭ ئالدى كەينى سەھنىدە تور يۈزىدە بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ۋە خالىغان ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىنى ھەرخىل زىيارەت ئۈسكىنىلىرىدە نورمال ئۇيغۇرچە كۆرسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ۋورپرەس قىستۇرمىسى ، بولۇپ ، قىستۇرمىنى ئورناتقاندىن كېيىن ھەر قانداق ئۇسلۇبقا ئايرىم خەت نۇسخىسى تەڭشەش ئورنىتىش كەتمەيدۇ ھەممە ئۇسلۇبقا ماسلىشالايدۇ ، يازما يوللاش تەھرىرلەش ۋە ئارخىپ رايونىدا كۆپ خىل خەت نۇسخىنى تاللاپ ئىشلىتىپ ئالدى كەينى سەھنىدە نورمال ئۇيغۇرچە كۆرسىتىش ۋە يېزىق كىرگۈزۈشنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرالايسىز !

ئۇيغۇر-فونت تور يۈزىدە بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچكە « چېچەن كىرگۈزگۈچ » ئىشلىتىلگەن بولۇپ نۆۋەتتە بۇ ئەڭ ئىلغار بولغان تور يۈزىدە بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ئىشلىتىش قولايلىق . ھەرقانداق ئورۇنغا تور يۈزىدە بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزەلەيسىز . كونۇپكا تاختىسىدىن CTRL+K نى بېسىش ئارقىلىق ئۇيغۇرچە ياكى لاتىنچىنى ئۆز-ئارا ئەركىن ئالماشتۇرالايسىز .كىرگۈزگۈچكە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىزدىگۈچ  ئورنىتىلغان بولۇپ بۇ ئىقتىدار ئەسلىي چېچەن كىرگۈزگۈچ ئۆزىنىڭ ئورگان تورى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىكەن بۇ قېتىم بۇ ئىقتىدارىنى ۋوردپرەسكە ماسلاشتۇرۇپ بېكىتىڭىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ھالەتكە كەلتۈردۈم . بۇنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى: زىيارەتچىلىڭرىڭىز بېكىتىڭىزدىكى خەۋەر ياكى ماقالىلەرنى كۆرگەندە چۈشىنەلمىگەن ياكى ئۆزلىرى قىزىقىدىغان مەزمۇنلارنى ئۇچراتقاندا شۇ سۆزلۈكنى قارىغا ئالسا (تاللىسىلا) ئىزدىگۈچ شۇ زامان پەيدا بولىدۇ . ئىزدىگۈچنى چەكسىلا تاللىغان سۆزنى بېكىتىڭىزدىن ئىزدەپ بېرىدۇ. بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىزدىگۈچ توربېكىتىڭىزنى رەڭدار قىلىدۇ ھەم بېكىتىڭىز زىيارەتچىلىرىگە قولايلىق ئېلىپ كېلىدۇ.

پۈتكۈل بىكەتنىڭ ھەرقانداق بىر ئورۇنغا ئۇيغۇر-فونت ئامبىرىدىكى خالىغان بىر CSS مەنبەنى ئۇلاش ئارقىلىق ئۇيغۇر-فونت ئامبىرىدىكى مەنبەدىن خالىغانچە پايدىلىنالايسىز . مەسىلەن: ۋوردپرەس سېستىمىسى سىرتىدا ئايرىم بەت ياكى سېستىما ئاچقان بولسىڭىزمۇ شۇ بەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنغا ئۇيغۇر-فونت ئامبىرىدىن خالىغان خەت نۇسخىنىڭ CSS مەنبەسىنى ئۇلىسىڭىزلا بولىدۇ.

ئۇيغۇر-فونت قىستۇرمىسىنى ئورنىتىپ قوزغىتىپ بولغاندىن كېيىن تەھرىلىگۈچنىڭ سول تەرەپ ئۈستىگە قارسىڭىز خەت نۇسخا كۆزگەزمىسى دەپ بىر ئۇلىنىش بېرىلدى شۇنى چەكسىڭىز ھەر بىر خەت نۇسخىنىڭ ئۇيغۇر يېزىقى ، ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى ، ئۇيغۇر سىلاۋىيان يېزىقى قاتارلىق يېزىقلاردا كۆرگەزمە بېرىلدى ۋە ئۇيغۇر-فونت قىستۇرمىسىنى ئىشلىتىش قوللانمىسى قاتارلىقلارمۇ بېرىلدى . قىستۇرمىنى ئىشلىتىشتە نۆل سەۋىيەلىك كىشىمۇ بۇ قوللانمىنى كۆرۈش ئارقىلىق قىستۇرمىنى قانداق ئىشلىتىش كېرەكلىكىنى تولۇق بىلەلەيدۇ .

قىستۇرمىدىن ئارىيە:

ھەر بىر خەت خەت نۇسخىسىنىڭ توربەت يۈزىدە كۆپ ئىشلىتىدىغان كودلاش شەكىللىرى تولۇق بېرىلدى تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ….

قىستۇرما ئۈنىمىنى بۇ بىلوگ ئارقىلىق كۆرۈڭ …..

نۆۋەتتىكى نەشىرى : 2.2.1

17 خىل خەت نۇسخىنى قوللايدۇ

كىلاسسىك تەھرىرلىگۈچتە تولۇق ئىشلەيدۇ

چۈشۈرۈش

ئاخىرىدا تېنىڭلارغا سالامەتلىك خىزمىتىڭلارغا ئوڭۇشلۇق تىلەيمەن !

مەنزىل: Www.BilBilik.Com

ھۆرمەت بىلەن: بىلبىلىك

恭喜,此资源为免费资源,ئاۋال
باھاسى:ھەقسىز
0
ھەمبەھىرلەش:

4  دانە ئىنكاس بار

  • ئىسمىڭىز (*)
  • ئېلىخەت (*)
  • تور ئادىرسىڭىز
  1. Takipçi Satın Almanın Seçenekleri Takipçi satın al seçenekleri bireylerin beklentilerine göre çok çok detaylı olabilmektedir. Herkesin Instagrama hesabında değişik bir gaye ve beklentiyle takipçi miktarını çoğaltmak istemesi söz konusudur. Bunların hepsine hitap edebilecek hizmetlerin sunulması ile birlikte en iyi Takipçi satın al sitesinden takipçi almaktır. Site üzerinden 5.000, 10.000 bu rakamların fazlası yada azı dilediğiniz kadar takipçi satın alabilirsiniz .
    Takipçi Satın Al16 سائەت بۇرۇن 回复
  2. Youtube de fenomen olmak çok kolay. Günümüzde en çok vakit harcanan yerleden biri olan youtube de sizde eğer ki bir fenomen olmak istiyorsanız mutlaka takip2018 den Youtube abone satın al diyerek bütçenize uygun paket alarak videolarınızın onbinlerce yüzbinlerce izlenmesini sağlayabilirsiniz. .
    Youtube abone satın al17 سائەت بۇرۇن 回复
  3. What's up, yes this paragraph is truly fastidious and I have learned lot of things from it regarding blogging. thanks.
    ucuz takipçi satın al1 ھەپتە بۇرۇن 回复
  4. Hey there I am so thrilled I found your site, I really found you by accident, while I was looking on Bing for something else, Regardless I am here now and would just like to say cheers for a incredible post and a all round enjoyable blog (I also love the theme/design), I don’t have time to go through it all at the moment but I have book-marked it and also added your RSS feeds, so when I have time I will be back to read much more, Please do keep up the awesome work.